ياخشىمۇ سىلەر UyApp مۇنبىرىدىكى تورداشلار ،يىقىنياغا ئالدىراش بولۇپ كىتىپ مۇنبەرگە قارىيالماي مۇنبەر تىنجىپ قاپتۇ ،بۈگۈن ئازراق ۋاقتىم چىقىپ مۇنبەرگە تىما يوللاپ قويۇشنى قارار قىلدىم . بۈگۈنكى يوللىاقچى بولغان تىما بولسا ھەممىمىزگە تونۇش بولغان دۆلىتىمىز ياساپ چىققان كۆپ ئىقتىدارلىق خەت ئارقىلىپ پاراڭلىشىدىغان AI مودېلى DeepSeek يەنى (Deepseek语言大模型)نى ۋىندوۋس كومپىيۇتىرلىرىغا قاچلاپ يەرلىكتە ئىشلىتىش دەرىسلىكى.
DeepSeek R1 بىر خىل ئوچۇق كودلۇق AI مودېلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى OpenAI نىڭ GPT-4 ۋە Claude 3.5 Sonnet قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مودېللاردىن قېلىشمايدۇ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا، پىروگرامما تۈزۈش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قاتارلىق ۋەزىپىلەردە ئىپادىسى قالتىس. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ھەقسىز، مەخپىي بولۇپ، يەرلىكتە تورسىز ھالەتتە قاتتىق دىتالدا مەشغۇلات قىلالايدۇ. DeepSeek R1 يېنىك دەرىجىلىك 1.5B پارامېتىر مودېلىدىن يۇقىرى ئىقتىدارلىق 70B نۇسخىسىغىچە كۆپ خىل پارامېتىر كۆلىمىدىكى نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ Qwin 7B قۇرۇلمىسىنىڭ ئىخچاملانغان، ئەلالاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەم كۈچلۈك ئىقتىدارىنى ، ھەم تېخىمۇ يۇقىرى ھېسابلاش ئۈنۈمىنى ھازىرلىغان.
ئۇنىڭ ئاساسلىق يارقىن نۇقتىسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
يەرلىك AI مودېلىنى يۈرۈشتۈرۈشتە تۆۋەندىكىدەك ئەۋزەللىكلەر بار:
AI بولىقى ئادەتتە سۈرئەت كۆرسەتكۈچ يەنى (显卡)غا بولغان تەلىپى يۇقىرى . تۆۋەندە ھەرقايسى بولاقلىرىنىڭ نەشىرى بىلەن سەپلىمىگە كىرەكلىك ئۇچۇرى
مەن دەرىس تەييارلاشقا ئىشلەتكەن كومپىيۇتىرىمنىڭ سەپلىمىسىنى يىزىپ قوياي:
1-باسقۇچ:
Ollama نى قاچىلاش، بۇ دىتال بىر خىل يەرلىك AI مەشغۇلات قورالى بولۇپ، ئابۇنىچىلارنىڭ DeepSeek R1 نى بىمالال ئىشلىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئورگان چۈشۈرۈش ئادرېسى:
دۆلەت ئىچى تىز سۈرئەتلىك چۈشۈرۈش :
قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن تېرمىنالدا AI مودېلىنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قاچىلاش ئاددى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم ،بۇ دىتالنىمۇ قاچىلىيالمىساڭلا AI بولىقىنى ئىشلىتىشكە سەل بالدۇرلۇق قىلىدىكەن ،ئاۋال كومپىيۇتىر مەشخۇلاتىنى ئۈگۈنۈۋىلىڭلا.
قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بۇيرۇق كۆزنىكى(cmd) نى ئىچىپ ollama دەپ كىرگۈپ سىناپ باقساق تۆۋەندىكىدەك چىقسا مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ . ئۇنداق چىقمىسا كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغۇتۇپ بىقىڭلار.
2 - باسقۇچ DeepSeek بولىقىنى چۈشۈرۈش :
تۆۋەندىكى نەشىرلەردىن كومپىيۇتىرغا ماس كەلگەن نەشىرىنى تاللاپ چۈشۈرسەك بولىدۇ ،10مىنۇتلارچە ۋاقىت كىتىدۇ .
1.5B نۇسخىسى تۆۋەن نەشىردىكى سۈرئەت كۆرسەتكۈچ (GPU)ياكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا (CPU)غا ماس كىلىدۇ
ollama run deepseek-r1:1.5b #下载 1.5B 版本
ollama run deepseek-r1:8b #下载 8B 版本
ollama run deepseek-r1:14b #下载 14B 版本
ollama run deepseek-r1:32b # 下载 32B 版本
ollama run deepseek-r1:70b # 下载 70B 版本
ئەسكەرتىش : 70Bنۇسخىسىنى كومپىيۇتىرىڭلا قاتتىق ياخشى بولمىسا سىنىماڭلار،مەن بىۋاستە بۇ كودنى يۈرگۈزدۈم
ollama run deepseek-r1
ئەگەر كەينىگە نەشىرىنى يازمىسا بىۋاستە 7Bنۇسخىسىنى چۈشىرىدۇ ،بۇ نۇسخىسىنى مىنىڭ كومپىيۇتىرىم نەق سۆرىيەلەيدىغان نۇسخىسى .
چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن كۆزنەكنى ئۆچۈرۋىتىپ قايتا قوزغۇتۇپ ollama list دەپ كىرگۈزسەك چۈشۈرگەن مودىل چىقىدۇ
ئەمدى بولاقنى قوزغۇتۇپ سىناب باقايلى ollama run دەپ كەينىگە مودىل نامىنى كىرگۈزسەك
بۇ يەرگە كەلگەندە تولۇق قاچىلىنىپ بولدى لىكىن بۇيرۇق كۆزنىكىگە خەت يازساق سەل كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ،شۇڭا بىز يەنە بىر دىتالنى چۈشۈرمىز،
3-باسقۇچ UI كۆرۈنمە يۈزى دىتالى Chatbox نى چۈشۈرۈش (مۇھىم ئەمەس قوشۇمچە) :
1-قەدەم چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
https://chatboxai.app/en#
2-باسقۇچ تەڭشەش :
API سى ئىككى خىل ،بىرسى
http://localhost:11434/
يەنە بىرسى
http://127.0.0.1:11434/
قايسىسىنى تولدۇرساڭلار بولۇۋىرىدۇ ئەمدى سىناپ پاراڭلىشىپ باقساق بولىدۇ
دەرىسلىك تامام