ياخشىمۇسىلەر UyApp تورىدىكى تورداشلا ،بۈگۈن سىلەرگە ئۆزۈم ياسىغان دىتالدىن بىرنى ئىلىپ كەلدىم. ئەمسە يازمىنى باشلاپ كەتتۇق.
1) دىتال قوللانغان پىروگىرامما تىلى :
بۇ دىتال Flutter ئارقىلىق ياسالغان گوگىلنىڭ Dart تىلى قوللىنىلغان ،كۆرۈنمە يۈزى material تۈرى قوللىنىلغان. Dart تىلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولسا سۇپا ئاتلىغان پىروگىرامما تىلى بولۇپ بىر قىتىم كود يىزىپلا windows،Android،IOS,MACOS,Linux سۇپلىرىغا ماس كىلىدىغان قىلىپ بولاقلىغىلى بولىدۇ.بۇ دىتالنى ھازىر ۋىندوۋس بىلەن ئاندىروئىد نۇسخىسى بار ،چۈنكى مەندە لىنۇكىس سىستىمى بىلەن مەك ئوس سىستىمىسى يوق.بۇ دىتال پۈتۈنلەي ھەقسىز ھەمدە كودىنى ئىچىۋەتكەن ،چۈشۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ،ئۇلانما ئادىرىسى يازما ئاستىدا بار . دىتال پۈتۈنلەي دۆلەت تىلى ،لىكىن ئىشلىتىش ئاسان چۈشەنمىگەننى مەندىن سورىساڭلا بولىدۇ.
2) دىتالنڭ قانداق رولى بار ؟
بۇ دىتال ئاساسلىق قول سىلىپ بىرنەرسە ياسايدىغانلارغا (DIY) ماس كىلىدۇ . چۈنكى ئۇششاق ماتىرياللا بەك كۆپ ، بەزى نەرسىلەرنى ئىلىپ ئىشكاپقا سىلىپ قويۇپ ئۇنتۇلۇپ قالسا كىرەك بولغاندا تاپالماي يەنە قايتا ئالىدىغان ئىش چىقىدۇ ، بۇ دىتال مۇشۇ مەسىلىگە قارتا ئۈنۈملۈك پايدا قىلىدۇ . مەسلەن ماۋۇ مىنىڭ بۇ دىتالنى ياساشتىن بۇرۇن ماتىريال ساقلايدىغان ئورۇنۇم ئىدى ،ئۇششاق يەشىكلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن،بىرەر قارشىلىق كىرەك بولۇپ قالسا ھەممە يەشىكنى ئاختۇرۇپ چىقاتتىم .
ئاخىرى چىدىماي پىندودو دىن بىرتال ماتىريال ئايرىپ ساقلايدىغان قۇتا سىتىۋالدىم ،لىكىن تۈرگە ئايرىپ ساقلىساممۇ يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىللەرگە يولۇقتۇم ،مەسلەن يەنىلا بىرتال زاپچاش كىرەك بولۇپ قالسا بىرتال بىرتالدىن ئىسمىغا قاراپ ئىزدەيتىم ، بەزى سانى ئاز زاپچاسلارنى بىر كۆزنەككە سىلىپ قويۇپ تاپامماي بىرنىمە بوپ كىتەتتىم ،ئاخىرى بۇ دىتالنى ياساپ چىققانياغى مۇنداق بولدى :
بەلكىم سورىشىڭلار مۇمكىن ، بۇنداق بولسا تىخىمۇ ئەپسىز بولۇپ كىتىپتىغۇ دەپ ،ئەمسە داۋاملىق ئاخىرىنى ئاڭلاڭلا . مەن بۇ دىتالنىڭ ۋىدوۋس نۇسخىسىغا ھەربىر كۆزنەكنىڭ نۇمۇرى بىلەن ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ نامىنى كىرگۈزىۋالدىم ،ماۋۇنىڭدەك :
56دانە ساندۇق 56 كۆزنەككە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،
بەزى ساندۇقلارنىڭ ئىچىدە بىرتاللا نەرسە بار ،چۈنكى سانى جىقىراق ساناش خوش ياقماي 99999 دەپ يىزىپ قويغان.
بەزى ساندۇقلارنىڭ ئىچىدە كۆپ نەرسە بار ،چۈنكى سانى ئاز ھەم ئاسان پەرىق ئەتكىلى بولىدۇ ،مۇنداقچە ئىيتقاندا كۆزنەك سانىنىمۇ ئىسراپ قىلماي دىگەن مەقسەت.
ئەگەر مەن 10uf لىق بىرتال كوندىساتورنى ئىشلەتمەكچى بولسام ئىزدەش رامكىسىغا كىرگۈزسەملا قانچىنجى ساندۇقتىلىكى چىقىدۇ :
مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى ماس كەلگەن تىپتىكىسىنى تاللاپ ئاستىدىكى ساندۇق نۇمۇرىغا ئاساسەن قولۇمدىكى قۇتىدىن ئىلىپ ئىشلەتسەم بولىدۇ .
ئەلۋەتتە ئاندورىد نۇسخىسىمۇ بار . ئىقدىدارى ئوخشاش .ھەم سانلىق مەلۇماتنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ ،شۇڭا كومپىيۇتىر نۇسىىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تىلىفۇن نۇسخىسىغا يۆتكىگىلى بولىدۇ
بۇ دىتالنىڭ v1.0 نەشىرى ھەم ئىچىۋىتىلگەن تۈر بولغاچقا تورغا ئۇلىنىدىغان ئىقتىدارىنى يازمىدىم ،كىيىنچە كۆك چىش ياكى ئۆزىمىز مۇلازىمىتىر ئىلىپ ئىشلىتىدىغان قىلىپ قويىمەن .ئەگەر بىرەر Bug بايقىساڭلار يازما ئاستىغا ياكى ئىلىخەت ئادىرىسىمغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلا بولىدۇ ,
2280711844@mail.com
ئىچكى توردا ئىككى ئۈسكۈنە ئارىسىدا بىۋاستە سىمسىز سانلىق مەلۇمات زاپاسلاش ئىقتىدارى قىتىلدى
ئىزدەش رامكىسىدا ئىزدىگەن زاپچاشلارنى بىسىپ كىرگەندە ئىسمى يىشىلغا ئۆزگۈرۈدۇ،ئىزدەش ئاسانلاشتى
زاپچاسلارنى ئىزدىەەندە چوڭ كىچىك ھەرىپ پەرىقلىق بولۇپ قىلىش ئەھۋالى ئوڭشالدى.ھازىر چوڭ ھەر ياكى كىچىك ھەرىپتە يىزىلغان بولسۇن ئىزدەش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
فىلىملىك چۈشەندۈرلىشى:
https://www.bilibili.com/video/BV18m1RYbE7z/
بۇ دېتالنىڭ بىرىنجى نەشىرى ،ئىقتىدارلار كىيىن قىتىلىدۇ
https://github.com/ugpinout/storage_box https://gitee.com/infinite0078/storage_box
دىتالنى تەييار بولاقلاپ قويغان ،ئىچىدە ئاندىروئىد بىلەن ۋىندوۋس نۇسخىسى بار.
https://www.123pan.com/s/1yYZVv-9Q3AA? 提取码:fyeg