UyApp
首页
注册

PCB لايىھىلەش ئاساسى بىلىملىرى

UyApp
مۇمكىن ئەمەس ئىش ،مەۋجۇت ئەمەس ئىش
2024-02-05 01:07:31

PCB Layout دىگەن نىمە؟

PCB دېگىنىمىز باسما توك يولى تاختىسى (Printed Circuit Board)نىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى،ئادەتتە ئۇ كۆپلىگەن قاتتىق دېتاللارغا تەگلىك بولۇش ھەمدە قاتتىق دېتاللارنى بىر-بىرىگە ئۇلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

Layout دېگىنىمىز لاھىيلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ،ئىككىسىنى يىغىپ كەلسەك PCB Layout دېگىنىمىز باسما توك يولى تاختىسىنى لاھىيلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ .

PCBتاختا لاھىيلەش قائىدىسى

  1. نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئامال بار بارلىق قاتتىق دېتاللارنى توك يولى تاختىسىنىڭ بىرلا تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز،ئاستىنقى تەرىپىگە قاتتىق دېتال ئورۇنلاشتۇرمايمىز ، ئەگەر ئۈستۈنكى قەۋەتتە توك يولى بەك قويۇق بولۇپ كەتسە ئاسان قىززىمايدىغان قاتتىق دېتاللارنى ئاز مىقداردا ئاستىغا قويساق بولىدۇ مەسلەن چاپلىما قارشىلىق ،چاپلىما كوندىساتور ،كىچىك شەكىلدىكى ئۆزەك قاتارلىق.
  2. توك يولىنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا قاتتىق دېتاللارنى بىر-بىرىگە ۋېرتىكال يۆلىنىشتە تىزىمىز،بۇنداق بولغاندا كۆركەم ،چىرايلىق چىقىدۇ.
  3. قاتتىق دېتاللار توك يولى تاختىسىنىنىڭ ئەتراپىدىن 2 مىللىمىتىر يىراقلىقلىقتا تۇرىشى كىرەك ھەمدە توك يولى تاختىسىنىڭ سىرتقى شەكىلى سىرتقى بىسىمغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان قىلىپ لاھىيلىنىشى كىرەك .

PCB باسما توك يولى لاھىيلەش قائىدىسى

  1. PCB گىرۋىكىدە سائەت ياكى ئۇچۇر سىگنالى قاتارلىق مۇھىم سىگنال لىنىيىسىنى لاھىيلەشتىن ساقلىنىڭ.
  2. سىگنال لىنىيىسىنى بىلەن يەرسىم ئارلىقىدا چوقۇم ئىككى مىللىمىتىردىن ئارتۇق ئارلىق قىلىشى كېرەك

  3. يۇقۇرى سۈرئەتلىك سىگنال لىنىيىسىنى ئامال بار كۆپ قەۋەتكە بۆلۈنۈپ كەتمىسۇن

  4. تەقلىدى سىگنال ،رەقەملىك سىگنال ، يۇقۇرى سۈرئەتلىك سىگنال ،تۆۋەن سۈرئەتلىك سىگنال لىنىيەلىرى ئارىسىدا چوقۇم مەلۇم ئارلىق بولۇشى كىرەك

  5. تىرانسفورموتور(变压器) ، كىرستال تەۋرەنگۈچ(晶振) ئاستىدىن توك يولى ماڭغۇزۇشقا بولمايدۇ

PCB تونۇشتۇرۇش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، كىيىن بىز بىرقانچە PCB لاھىيلەيدىغان دېتال توغۇرلۇق تېما يېزىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەنچە بېرىمىز