UyApp
首页
注册

Arduino دەرسلىكى - بىرىنچى يۈرۈش: Arduino نىڭ تۇنجى بىلىملىرى

UyApp
مۇمكىن ئەمەس ئىش ،مەۋجۇت ئەمەس ئىش
2024-01-28 18:13:28

تورداشلارنىڭ قاتتىق دېتال بىلىملىرىگە ۋە يەككە پىلاستىنكىلىق ئۆزەككە بولغان قىززىقىشىنى ئاشۇرۇش ھەمدە يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ،قول سېلىپ ئىشلەيدىغان تۈرلەرنى ھەمبەھىرلەش ،ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلىپ، UyApp مۇنبىرى Arduino تېماسىنى قۇردى ھەمدە بىر يۈرۈش ئاساسىي دەرسلىكلەرنى يېڭىلاشنى قارار قىلدى، ئەگەر سىز يېڭى ئۈگەنگۈچى بولسىڭىز مۇشۇ تېما ئاستىدا يوللانغان يازمىلاردىن پايدىلانسىڭىز ياكى سوئال-جاۋاب ئىستونىدا مەسىلىلىرىڭىزنى يوللىسىڭىز بولىدۇ ،ئەگەر سىزنىڭ Arduino غا مۇناسىۋەتلىك بىلىملىرىڭىز بىر قەدەر چوڭقۇر بولسا يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە ماس كىلىدىغان تۈرلەرنى ھەمبەھىرلىسىڭىز بولىدۇ.

ئەمسە بىرىنجى قەدەم Arduino تونۇشتۇرۇش دەرسلىكىدىن باشلايلى:

  • Arduino نىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى:

Arduino ئوچۇق كودلۇق ئېلېكترونلۇق ئاساسى تاختا سۇپىسى بولۇپ، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللار ھەمدە مول بولغان ئەسلى كودلار بار. Arduino توك يولى لايىھىلىگۈچىلەر، قول ھۈنەرۋەنلەر، ھەۋەسكارلار ۋە ئاساسى مۇھىت ھازىرلاپ تۈر ئاچىدىغانلارغا ماس كىلىدۇ.

1e01f8c54821c171fef17095cb0f3077_release.jpg

Arduino UNO

Arduino ھەر خىل سېنزورلاردىن كەلگەن كىرگۈزۈش سىگنالىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۇچۇرلىنى سېزەلەيدۇ ھەمدە نۇر مەنبەسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئېلېكتىر ماشىنىسى ۋە باشقا قوزغاتقۇچلار ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تاختىدىكى مىكرو كونتروللىغۇچ پىروگرامما تۈزۈشتە Arduino پىروگرامما تۈزۈش تىلى (Wiring نى ئاساس قىلغان) ۋە Arduino ئېچىش مۇھىتى (Proce نىڭ ئاساس قىلىنىدۇ). Arduino ئۆزى مۇستەققىل ياكى كومپيۇتېردا يۇمشاق دېتاللار بىلەنمۇ قوزغاتقىلى بولىدۇ (مەسىلەن(flash,Processing, MaxMSP) ئالاقە ئېلىپ بارالايدۇ. Arduino نىڭ IDE ئۇلاش ئېغىزىنى ئوچۇق مەنبەلىك كودنى ئاساس قىلغان، سىز ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالايسىز.


  • Arduino UNO بىلەن تونۇشۇش

Arduino UNO غا قاراپ باقايلى. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بۆلەكلەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بۆلەكلەر. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن رەقەملىك ۋە تەقلىدى ئېغىزلىرى دائىملىق ئىشلىتىدىغان I/O ئېغىزى. رەقەملىك ئېغىزىدىن 0~13، تەقلىدى ئېغىزىدىن 0~5 بار.

I/O ئېغىزلىرىدىن باشقا، توك بىلەن تەمىنلەش بۆلىكىمۇ بار. UNO نى ئىككى خىل ئۇسۇلدا قوزغىتىشقا بولىدۇ، بىرى USB ئارقىلىق، يەنە بىرى 6~12V لىق سىتقى DC توك بىلەن تەمىنلەش. بۇنىڭدىن باشقا، 4 LED چىرىغى ۋە فورماتلاش كۇنۇپكىسى بار، ئەمدى 4 دانە LEDغا كەلسەك ،ON بولسا توك كۆرسەتكۈچى لامپا بولۇپ توك ئۆتكەندىن باشلاپ يانىدۇ. L بولسا رەقەملىك ئېغىز 13 گە ئۇلانغان LED بولۇپ، كېيىنكى بۆلەكتە كۆرسىتىلىدۇ. TX، RX تەرتىپلىك ئالاقە كۆرسەتكۈچى، مەسىلەن پروگراممىنى چۈشۈرگەندە، بۇ ئىككى چىراغ داۋاملىق چاقنايدۇ.

7c670e6400c57311f559778136273b8b_release.jpg

Arduino UNO

1.Arduino IDE نى چۈشۈرۈڭ

بۇ يەرنى ىسىپ ئورگان تورىغا كىرىڭ https://www.arduino.cc/en/software بەتكە كىرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى گرافىكلىق ئېكراننى تېپىپ چۈشۈرۈڭ

d2c24d90895fb9efd1863c7e715a9ee6_release.jpg
ئورگان تورى

ئاندىن ئاستىدىكى JUST DOWNLOAD دېگەن ئېنگىلىزچە خەتنى بېسىپ كىرىڭ،كېيىنكى كۆزنەكتە يەنە JUST DOWNLOAD دېگەن خەتنى بىسىپ چۈشۈرسىزڭىز بىر دانە ZIP ھۆججىتىنى چۈشۈرۈدۇ.

2. Arduino IDE بىلەن تونۇشۇڭ

Arudino IDE نى ئاچسىڭىز، Arduino IDE نىڭ تەھرىرلەش كۆرۈنمە يۈزى كۆرۈنىدۇ.

fb2348975f085dac8bf5357e24e85597_release.jpg
Arduino IDE

كود يېزىپ لامپا كونتىرول قىلىش

void setup() {
  pinMode(13, OUTPUT);
}
void loop() {
  digitalWrite(13, HIGH); 
  delay(1000);                     
  digitalWrite(13, LOW);   
  delay(1000);                   
}
e2f5d6dcd1382b2738c34b249a36482d_release.gif
لامپا L توختىماي چاقنايدۇ

بىرىنجى يۈرۈش مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى،خاتالىق بولسا ئېنكاس يېزىپ قويۇلار. ئىككىنجى يۈرۈشنى ۋاقىت چىقىرىپ ماتىريال رەتلەپ يوللىنىدۇ، ئەگەر ئۆزەڭلارنىڭ ئاددى تۈرلىرى بولسا مۇشۇ Arduino تېما ئاستىغا يوللاپ قويساڭلا بولىدۇ ،ئەگەر بىلمىىگەن يەرلەر بولسا سوئال-جاۋاب سەھىپىسىگە يوللىساڭلا بولىدۇ .