UyApp
首页
注册

ستانفورد خىزمەتكار ماشىنا ئادەم Mobile ALOHA ( ئاروخا ) نى ئېلان قىلدى

UyApp
مۇمكىن ئەمەس ئىش ،مەۋجۇت ئەمەس ئىش
2024-01-25 16:06:54

يېقىنقى كۈنلەردە، ستانفورد سۈنئىي ئەقىل تەجرىبىخانىسىنىڭ كومپيۇتېر ئىلمى دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىسى زىپېڭ فۇ(Zipeng Fu) HouseKeeping ماشىنا ئادىمى Mobile ALOHA (ALOHA) نى ئېلان قىلدى، ئۇ تاماق ئېتىش، لىفتقا ئولتۇرۇش، ئۈستەلنى تازىلاش، قاچا يۇيۇش، بۇيۇملارنى رەتلەش ئەخلەت تۆكۈش، يەرنى سۈپۈرۈش، گۈللەرنى سۇغىرىش، ئەرمەك ھايۋانلارغا ھەمراھ بولۇش ۋە ئۆزى توك قاچىلاش قاتارلىق بىر قاتار مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدۇ . بۇ تۈر پۈتۈلەي ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ ، يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال ،3D مودىللىرىدىن تارتىپ ئورگان تورىدىن ھەقسىز چۈشۈرۋالغىلى بولىدۇ ،ھەتتا زاپچاسلىرىنى سېتىۋالىدىغان ئۇلانمىدىن تارتىپ تەمىنلىگەن.پۈتۈنلەي ياسىلىپ چىقىش باھاسى تەخمىنەن 250 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا.

ئورگان تورى:

https://mobile-aloha.github.io/cn.html
c5e224eaa2dd31a9c3592a3b8e6bd8ad_release.jpg
تاماق ئېتىش
667168a41d2e2e82fa1cf8e3158917df_release.jpg
لېفىتقا ئولتۇرۇش
1cc31ed2872743fd8a97a3a600655940_release.jpg
ئۈستەل سۈرتۈش
9f87abbbc9d9b9be5f6377fa5116a0eb_release.jpg
يەر تازلاش
7335b852cfb3f71fac2c22eae16e9261_release.jpg
گۈل سۇغرۇش
a5ae6f4b4385f7fb74a08809e1aaa6d4_release.jpg
كىيىم قاتلاش

ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا،بۇ ماشىنا ئادەم ناھايىتى مۇنەۋۋەر،لىكىن يۇقارقى رەسىمدىكى ھەركەتلەرنى توغرا قىلىش نىسبىتى يەنىلا يۇقۇرى ئەمەس ، ھازىرچە ئالوخا تەقلىد قىلىپ ئۈگىنىشنى ئاساس قىلىدۇ ،ھەرقانداق ھەركەتنى ئېگىسى 50 قىتىم ئۈگۈتۈپ قويسا توغرا قىلىش نىسبىتى 90% كە يىتىدۇ . لىكىن ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش ئىقتىدارى تېخى يوق .



*تارقاتقاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ