UyApp
首页
注册

python3 چۈشۈرۈش ۋە مۇھىت ھازىرلاش

UyApp
مۇمكىن ئەمەس ئىش ،مەۋجۇت ئەمەس ئىش
2024-01-24 00:14:25

Python ھەققىدە :

Python بولسا بىر خىل چۈشەندۈرۈش تىپىدىكى، ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن، دىنامىكىلىق سانلىق مەلۇمات تىپىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك پروگرامما لايىھىلەش تىلى.

Python تىلى Guido van Rossum تەرىپىدىن 1989-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كەشىپ قىلىنغان، تۇنجى ئاشكارا تارقىتىلغان نۇسخىسى 1991-يىلى تارقىتىلغان. Perl تىلىغا ئوخشاش، Python مەنبە كودى ئوخشاشلا GPL(GNU General Public License ) كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدۇ.

قاچىلاش تەرتىپى :

python ئورگان تورىغا چىقىپ python نىڭ يېڭى نەشىرى ياكى ئۆزىمىز خالىغان نەشرىرىنى چۈشىرىمىز،ئورگان تورى:

https://www.python.org/downloads/

ئاندىن ئۆزىمىز خالىغان قىسمىنى چۈشۈرىمىز، بۇ يەردە ھازىر مودا بولىۋاتقان Python3.11 نىڭ Windows نۇسخسى ،Linux نۇسخسىنى باشقا تېمادا سۆزلەيمىز.

c699752cb4ed327577a04c91659280cc_release.jpg

رەسىمدىكى download ر كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كىيىن 64 لىك ياكى 32 لىك نەشىرىنى چۈشىرىمز ،بۇ بىزنىڭ Windows سېستىمىمىزغا باغلىق ، ئادەتتە بەك كونا كومپىيۇتىر بولمىسىلا 64 لىك نەشىرىنى قوللايدۇ

165f9044b5f2b0369cd0f2b70360d995_release.png

چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن قوش چېكىپ كىرىپ

5536b5e43a338dd50829ef0f2bd3ad49_release.png

Use admin privileges when installing py.exe بىلەن Add python.exe to PATH ئىككىسىگە توغرا بەلگە ئۇرۇپ install Now نى بىسىپ قاچىلىساق ئۆزى ئاپتۇماتتىك قاچىلىنىدۇ

قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن cmd بۇيرۇق ئېجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئېچىپ python دەپ كىرگۈزۈپ قاچىلانغانلىقىنى تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ

c5ff64173f2ec0163ce5b33b77d24f9f_release.png

ئەگەر قاچىلاش باسقۇچىدا مەسىلە كۆرۈلسە يازما ئاستىغا ئېنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلا بولىدۇ