UyApp
首页
注册

رەقەملىك توك يولى ئۈگىنىدىغان ئويۇن

UyApp
مۇمكىن ئەمەس ئىش ،مەۋجۇت ئەمەس ئىش
2024-03-05 21:17:37

ياخشىمۇسىلەر كۆپچىلىك ، بىر قىسىم تورداشلار ماڭا ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنىڭ توك يولى ئۈگەنگۈسى بارلىقىنى ،لىكىن بەك كەسپى بولغان كىتابلارنى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى توردا ئاسانراق توك يولىنى ئۈگىنىدىغان دېتال ياكى دەرسلىك بار يوقلىقىنى سورىغان . مەن تۇرۇپلا ئۆزۈم ئويناۋاتقان بىر ئويۇننى ئىسىمگە ئېىلىپ قالدىم.

بۇ ئويۇندا بىز لوگىكىلق توك يولى ،رەقەملىك توك يولىنى ئۈگۈنۈپ قالماي يەنە ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بىرىنجى كومپىيۇتىرىنى ياساپ چىقالايمىز ،ھەتتا بارا بارا ئۆزىمىز ياسىغان مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتا 汇编 تىلىنى يۈرگۈزەلەيمىز.

ئويۇن ئاددى يەككە لوگىكىلق بىر تەرەپ قىلغۇچتىن بارا بارا تەرەققى قىلدۇرىدىغان بولۇپ ،ۋاقىت چىققاندا ئۈگۈنۈپ قويساڭلار رەقەملىك توك يولىغا بولغان ئاساسىڭلار تىكلىنىپ قالىدۇ

1.ئويۇن ھەققىدە:

ئويۇن نامى : Turing Complete

ئويۇن تىلى : دۆلەت تىلى قوللايدۇ

باھاسى : 70يۈەن لىكىن دائىم ئېتىبار پائالىيەت قىلىپ 40يۈەنگە چۈشۈرىدۇ

چۈشۈرىدىغان سۇپا :Steam

يۈرگۈزگەن سېستىما:windows 10

سىغىمى : 1G دىن تۆۋەن

2.ئويۇن كەسمە رەسىملىرى :

8567de06fdb93abeb123f9953ac8ccfc_release.png
ئاددى لوگىكا ئۈگۈنۈش بۆلىكى
bddc4d136a741465cf6d43695c5eb23d_release.png
رەقەملىك ھېساپلاشنى ئۈگۈنۈش بۆلىكى
5797c2c907c1474e2caa805eb1d5ca53_release.png
ئىككى دانى بىرخانىلىق ساننى قوشۇش
6a5de96ec91ee207db52f2d93da9f0e5_release.png
ئۆزۈم ياسىغان 256 بىتلىق كومپىيۇتىر
bc5643ae42c6c33dbde39bdca43fe9f7_release.png
ھەتتا ئويۇن ئوينىغىلىمۇ بولىدۇ

3. ئويۇندىكى ئۈستىلار ياسىغان توك يولى ۋە مىكرو كومپىيۇتىر

5a0bb47394dc36e81db8cc50171d4206_release.jpg
ئۇستىلار ياسىغان مىكرو كومپىيۇتىر
ffae51060b8ea0e7c941ed676cd5fef8_release.jpg
بىر تەرەپ قىلغۇچ



بۇ ئويۇن ھەقىقەتەن ئىسىل ، ئەركىن ھالەت بۆلىكىگە كىرگەندە ھەتتا ياسىغان كومپىيۇتىرڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئەمىليەتتىكى كومپىيۇتىرىدىن ناخشا ،كىنو ئەكىرىپ ،كىنو قويغۇچ ياكى مۇزىكا قويغۇچ ياسىسىڭىز بولىدۇ