UyApp
首页
注册

تىلفۇن ئەپلىرىدىكى ئىلاننى يوقىتىش دېتالى

UyApp
مۇمكىن ئەمەس ئىش ،مەۋجۇت ئەمەس ئىش
2024-02-20 04:32:48

ياخشىمىۇسىلەر UyApp مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى ، ھەممىمىزگە ئايان يىقىنقى يىللاردا ئاندرويىد تېلىفۇنىدىكى بىرقىسىم ئەپلەردە دېتال ئېچىلغاندا چىقىدىغان ئېلان پەيدا بولۇپ قالدى ،ھەتتا تىلىفۇننى يىنىك مىدىرلىتىپ قويسا باشقا ئەپكە ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىدىغانمۇ ئېلانمۇ پەيدا بولدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ساختا ،كىچىك ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىش كۇنۇپكىلىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن بىزار قىلىپ قويىدۇ .

بۇرۇن بۇ ئىلانلارنى چەكلەپ تۇرىدىغان ھەقسىز بىر ئەپ بار ئىدى ، ئۇ بولسىمۇ ھەممىمىزگە ئايان 李跳跳، لىكىن ئۇنى ئېلان شىركەتلىرى ئەرىز قىلىپ ھازىر ئەپ ئاچقۇچى ئەپنى قايتا يىڭىلىماس بولۇپ قالدى ، كونىلار ئريتقاندەك يامانلىق بىر غىرىچ ئېگىزلىسە ئادالەت بىر گەز ئۆرلەيدۇ دىگەندەك باشقا ئەپ ئاچقۇچى يىڭى بىر دىتالنى چىقاردى نامى بولسا GKD,بۇ ئەپ پۈرۈنلەي ئىچىۋىتىلگەن بولۇپ ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈپ ئۆزەڭلار قايتا بىرنى ياسىساڭلارمۇ بولىدۇ ،ئەلۋەتتە تەييار ياساپ قويغىنىمۇ بار.ئاۋال سىلەرگە ئەپنىڭ ئىشلىتىش ئۇسسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي ،چۈشۈرۈش ئادىرىسى ئاستىدا بار :

1.دېتال ھەققىدە :

0ca5bf1bf74e48a3d44e954d2c20db14_release.png
دېتال رەسىمى
  1. دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز
  2. دېتال ئوچۇق كودلۇق
  3. دېتال تور ئىشلەتمەيدۇ

2.دېتالنى تەڭشەش:

  • ئىشلەتكەن تېلىفۇن 荣耀9X
  • سېستىما 鸿蒙3.0
  • SDK نەشىرى 9.0

بىرىنجى قەدەم:

دېتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تىلىفۇننىڭ تەڭشىكىگە كىرىپ :

辅助功能 -> 无障碍 -> 已安装服务 -> GKD

مۇشۇ يول بويىچە كىرىپ GKD نى ئېچىۋىتىمىز.(ئەگەر ئوخشاش چىقمىسا توردىن تېلىفۇنۇڭلارنىڭ ماركىسىنى بىسىپ 无障碍 ھالىتىنى قانداق ئاچىدۇ دەپ ئىزدەتسەڭلار بولىدۇ ،ئادەتتە ئاندىرويىد تىلىفۇنلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش،پەقەت قىلالمىساڭلا ئاستىغا ئېنكاس يىزىپ قويۇڭلار)

94d0e93bef7a245aed59d97dca91bbd7_release.jpg
无障碍ھالىتى
ee906a8b87afe58558eabcab89bd8643_release.jpg
GKDنى ئېچىش

ئىككىنجى قەدەم:

دېتالنى مۇشۇ ئۇسسۇل بويىچە ئېچىۋىتىمىز:

2cc3f87b241083ab16c73747a897ead0_release.jpg
باش بەت يۈزىنى تەڭشەش
ea979669f95369d83035d2b5508b2c51_release.jpg
ئىقتىدار بېتىنى تەڭشەش
82a843679ceff20a23454c9209628e86_release.jpg
تەڭشەك بتىنى تەڭشەش

ئۈچىنجى قەدەم 自启动نى ئېچىۋىتىش:

تېلىفۇننىڭ 安全卫士 ياكى 手机管家 دېگەن دېتالىنى ئاچىمىز .(بەزى تېلىفۇنلاردا ئوخشىمايدۇ)،مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش بەت چىقسىلا بولدى,启动管理 نى بىسىپ كىرىمىز:

e2598887de5754fd7ac7dd0f45070c1f_release.jpg
手机管家دېتالى

ئاندىن ئىزدەش رامكىسىغا GKD نى باسىمىز:

b756f8738e68fdd0996248f9036f2dda_release.jpg
ئىزدەش رامكىسى

ئاندىن چىققان دېتالنىڭ ئىچىدىن GKDنى تېپىپ ئەگە ئوچۇق بولسا تاقىۋىتىمىز ،تاقاق بولسا ئىچىپ قايتا تاقىۋەتسەك ئاستىدىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ،

1e603ed7e7455653f6536d435c531652_release.jpg
تەڭشەش

ھەممىنى ئېچىۋىتىمىز،ئاندىن دېتالدىن چىكىنىپ كىتىپ باشقا ئېلان بار دېتالنى ئىچىپ سىناپ باقساق بولىدۇ.بۇ مىنىڭ تېلىفۇنۇمدا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن دېتاللار تىزىملىكى:

b3563e6d14dc7c35d5569a70dce5eba6_release.jpg
سىناق ئىشلىتىش

ئورگان چۈشۈرۈش ئادىرىسى ،ئىچىدە ئەپنىڭ ئەسلى كودى بار :

https://github.com/gkd-kit/gkd

بۇ چەتئەلنىڭ تورى بەزىلىرىڭلار ئاچالماسلىقىڭلار مۇمكىن شۇڭا بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىغا ھەمبەھىرلەپ قويدۇم:

链接:https://pan.baidu.com/s/1fn3tVGa0VJoK_yAO05FTgw?pwd=t5gu 
提取码:t5gu

بۇ ئەپ ياسىغۇچىنىڭ ئورگان تورى:

https://gkd.li/guide/




تېما يارىغان بولسا مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ قوللاپ قويۇڭ ،كىيىن تېخىمۇ ئىسىل مەزمۇنلار ھەقسىز يوللىنىدۇ