UyApp
首页
注册

ھەقسىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى

UyApp
مۇمكىن ئەمەس ئىش ،مەۋجۇت ئەمەس ئىش
2024-02-16 21:24:53

ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار بۈگۈن مەن سىلەرگە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى ئېلىپ كەلدىم ، بۇ خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى تەرپىدىن ياسالغان . شەخىسىلەر ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدۇ .

1. ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى (قىسقارتىلمىسى: UKIJ ) ھەققىدە :

UKIJ پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمايدىغان كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى جەمئىيەت بولۇپ،ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلار ۋە ھەۋەسكارلار ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بارلىق ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كومپيۇتېر پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كومپيۇتېرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان

2.خەت نۇسخىسى ھەققىدە :

تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى MS-DOS ،Windows 3.1 ،Windows 95/97 ،Windows 98 ،Windows 2000 ۋە Windows XP لەردە ھەر خىل نام، ھەر خىل «ئۆلچەم» لەردە ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرچە Unicode ئىشلەتكەن ئەڭ دەسلەپكى خەت نۇسخىلىرى 2002- يىلى ئىيۇندا بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن Unicode ئۆلچىمى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ سانى ۋە ناملىرىمۇ كۆپىيىپ (تولۇقسىز سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا 30 نەچچە خىل خەت نۇسخىسى 500 نەچچە خىل ئوخشىمىغان نامدا ئىشلىتىلگەن) بىر قىسىم قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىققان. جەمئىيىتىمىز ئۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە خەت نۇسخىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىختىيار قىلغان خەتتاتلار، كومپيۇتېر مۇتەخەسىسلىرى، شىركەتلەر ۋە باشقا ئەزالاردىن پىكىر ئالغان. شۇ ئارقىلىق، 2004- يىلى دېكابىر ئېيىدا ئاشۇ خەت نۇسخىلىرى تۈنجى قېتىملىق رەتلەش ئارقىلىق خەت نۇسخىسى ناملىرى ئاساسەن مۇقىملاشتۇرۇلغان ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

3.خەت نۇسخىلىرى :

c9848f20c1a4c67ac3b652786feaa556_release.png
بىر قىسىم فونىتلار

ئادىرىسى:https://www.ukij.org/ug/fontlar/


مۇنبەرنى قوللاش يۈزىسىدىن مۇنبەر تېمىلىرىنى تارقىتىشىپ ياكى ئەزا بولۇپ تېما يوللاپ قوللاپ قويغان بولساڭلار