UyApp
首页
注册

ئالما تېلفۇندا قانداق قىلىپ تور بەت كودى يازىمىز‎؟

UQKUN
بۇ ئىشەك بەك ئۇماق
2024-02-16 21:01:24

ياخشىمۇسىلەر دوسلار ، مەن مۇشۇ ئۇيغۇر ئەپ كۇلۇبىدىن ئۇچقۇن بۇلىمەن.....

بۈگۈن سىلەرگە يېقىندا ياخشىراق html كودلىرىنى يازىدىغان دىتال ئىزدەپ يۈرۈپ بايقاپ قالغان بىر ياخشى نەرسىنى ھەمبەھىرلەپ بەرمەكچى ، بەلكىم مەندىن بۇرۇنلا بىلىپ بايقاپ بولغانلار بۇلىشى مۇمكىن......

ئەگەر بىز ئالما يانفۇنى ئىشلىتىپ يەنە كود يېزىشقا ئامراق بۇپ قالساق ئالما تېلفۇننىڭمۇ شۇنداق كود يازىدىغان دىتالى بارمۇ يوق مەنمۇ بىلمەيمەن ، ياكى بولمىسا يەنە بىر ئاندىروئىد يانفۇن سېتىۋالامدۇق.....

بولدىلا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي ھى ھى ھى ھى.....

ئۇ بولسا بىر توربەتتەك سىستىما ئىكەن ، تور ئادرىسىنى كىرگۈزسەكلا خۇددى بىر كود يېزىش دىتالىدەك ئېچىلىدىكەن ، كود ئامبىرى ئاساسەن تۇلۇقكەن ، كود توغرىلاش ئىقتىدارىمۇ ياخشىكەن ، يەنە ئۆزىمىزدە بار بولغان كودنى ئەكىرگىلى بۇلىدىكەن يەنى (能导入zip格式源码) دىمەكچى.... يەنە تېخى كومپيۇتېر دا ئاچساق كومپيۇتېر دىمۇ دىتال چۈشۈرمەيلام كود يازغىلى بۇلىدىكەن ، يازغان كود ئاسانلىقچە يۇقاپ كەتمەيدىكەن مەن كود يېزىپ قۇيۇپ يېرىم سائەتتىن كىيىن قايتا ئاچسام يەنە باكەن ، يېزىپ بولغاندا يازغان تۈرىمىزنى يەنى كودىمىزنى چۈشۈرۋالغىلى ساقلىۋالغىلى بۇلىدىكەن.....

بەك كۆپ سۆزلەپ يۈرمەي ، كود يېزىشقا ئامراق لىكىن ئالما يانفۇنى ئىشلىتىدىغان دوسلار پايدىلانساڭلا بولدى ، بەك كۆپ سۆزلىسەممۇ چۈشەندۈرۈپ بۇلاممايمە.....

كۆرۈنمە رەسىملىرى :

de52431016a94eab8250bc87e247445d_release.jpg
كود يېزىش
9a856e010c2d6a061f111a732e0d29a5_release.jpg
يېزىلغان كودنىڭ ئۈنىمى
7a844f73030a2f48be5413c01278ef06_release.jpg
ھۆججەت باشقۇرغۇچ
d6ad68f36a36c76961495d2a85b33f42_release.jpg
رەڭ تاختىسى
57c80d9ac863d0599ecd156d522b4969_release.jpg
كود ئامبىرى
070a92b110743ee393cfd13dc4756cda_release.jpg
كود ئامبىرى

يەنە دىيشىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بۇ بەتنىڭ ئۇسلۇپ ئامبارلىرى خېلى باكەن يەنى bootstrap5 دىگەندەك

100a6bf3e60c9953f1714a24719df982_release.jpg
تۈر قۇرۇش

ئەمدى ئاساسەن تېمىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى ، بۇ بەتنىڭ ئادىرىسى :

https://spck.io/workspace

مۇشۇ ئادرىسنى بېسىپلا كود يېزىشنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ

ئاندىن يەنە باشقا ئۇستازلار ۋە دوستلارنىڭمۇ بىلىدىغانلىرىنى مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق كۆپچىلىككە ھەمبەھىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.....