UyApp
首页
注册

UyAppئونۋىرسال تېخنىكا مۇنبىرى قايتا قۇرۇلدى!!

UyApp
مۇمكىن ئەمەس ئىش ،مەۋجۇت ئەمەس ئىش
2024-01-22 18:50:24

UyApp توربېتىنىڭ كونا ۋە يېڭى تورداشلىرىغا:

ياخشىمۇ سىلەر كۆپچىلىك ، بۇ يازمانى كۆرگەن چېغىڭلاردا UyApp توربېتى رەسمى قايتا قۇرۇلغان بولىدۇ،بۇ مۇنبەر ئونۋىرسال تېخنىكا مۇنبىرى بولۇپ يۇمشاق دېتال ، پىروگىرامما تىلى ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ، يەككە پىلاستىنكىلىق ئۆزەك ، تەقلىدىي توك يولى ، رەقەملىك توك يولى ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ، تېخنىكا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ، تىل-يىزىق ۋە باشقا بىر قاتار مەزمۇنلارغا ئائىت يازما يوللىنىدۇ.

مۇنبەر ئىشلىتىش ھەققىدە قىسقا چۈشەندۇرۈش:

  • تېما ئىستونى : بۇ يەردە پۈتۈن مۇنبەرگە يازغان يازمىلار تۈرگە ئايرىپ ساقلىنىدۇ ، خالىغاننى چېكىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
  • سوئال-جاۋاب : بۇ يەردە تورداشلار يوللىغان سوئال-جاۋابلار يوللىنىدۇ،سىزمۇ مۇشۇ يەرگە يوللۇققان مەسىلىلەرنى يوللىسىڭىز ياكى جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ
  • يازما : بۇ يەردە پۈتۈن يازمىلار كۆرۈنىدۇ، سىزمۇ مۇشۇ يەرگە يازما يوللىسىڭىز بولىدۇ،لىكىن ماس كەلگەن تېما ئاستىغا يوللىشىڭىز كىرەك
  • چۈشۈرۈش ئادىرىسى : بىكەت چۈشۈرۈش ئادىرىسى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ ،شۇڭا توردېسكىغا چىقىرىپ ئۇلانمىسىنى يوللىسىڭىز بولىدۇ ،蓝奏云 توردىسكىسىنى تەۋسىيە قىلىمىز

مۇنبەر قائىدىلىرى:

  • ھەرقانداق تېما سوئال-جاۋاپ ئاستىدا ئادەم تىللاش ، كەمسىتىش ،قۇرۇق پاراڭ، ئېلانغا ئائىت مەزمۇن يوللىنىشقا بولمايدۇ
  • ھەرقانداق شەكىلدىكى ئېرقى كەمسىتىش ، رايۇن ئايرىمىچىلىق ، مىللى بۆلگۈنچىلىك ، سېرىق ، زەھەرلىك چىكىملىك ، ئالدامچىلىق ، دىن تۈسى ئالغان يازما يوللاشقا بولمايدۇ
  • نەشىر ھەقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان ،مەسلەن : يېشىۋىتىلگەن دېتاللار ۋە ئەپلەرنى ھەم API ،爬虫، لارنى سىتىشقا بولمايدۇ
  • قۇرۇقلا ئېلان يوللاشقا بولمايدۇ ، مەسلەن:بىرەر يازما يوللاپ ئاستىغا سالونىڭىزنىڭ ئىككىلىك كودىنى قىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ ، لىكىن ماۋۇ سالوننى قىتىۋىلىڭلا مەن قۇرغان دەپلا ھىچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى يوق ئېلان يازما يوللاشقا بولمايدۇ
  • ئەگەر يۇقارقى قائىدىلەرگە ياكى باشقا قانۇنسىز قىلمىشلارنى يوللىسىڭىز يىنىك بولغاندا ئاككونىت بىلەن IP ئادىرىسىڭىز قارا تىزىملىككە كىرگۈزىلىدۇ ،ئىغىر بولغاندا قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز